تورونتو ئۇيغۇر مەكتىپى 2016 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، نەچچە يىللىق تىرشىش ئارقىلىق ھازىر مەكتىپىمىزنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى، 8 ئوقۇتقۇچىسى ۋە 4 مەكتەپ ھەيئىتى بار. 5 سىنىپ ئاساس قىلىنغان ھالدا ئوقۇ ئوقۇتۇش داۋام قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەسجىدى جامائىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئەل سۆيەر ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا چۈشلۈك تاماق ھەقسىز تارقىتىلىۋاتىدۇ. مەكتىپىمىزنىڭ نىشانى: چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ماس كېلىدىغان، زامانىۋېلاشقان مائارىپ سېستىمىسىنى ئىزدىنىش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلانى ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپتە پىشىپ يېتىلگەن ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش.